تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سىياسەتلىرى ساھەسىدىكى كېڭەش سۆھبەتلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلدى.

1663808
تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سىياسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك 6 – نۆۋەتلىك كېڭەش سۆھبەتلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن.

سۆھبەتلەرگە، تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خەلقئارا بىخەتەرلىك ئىشلىرى باش مۇدىر ۋەكىلى گۈلىن دىنچ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئىشلىرى ئىشخانىسى ئورتاق بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سىياسەتلىرى باش كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى چارلېس فرىئېس قاتناشقان



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر