تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارلىرى ئورۇنلاشتۇردى

تۈركىيە يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى باش ئىدارىسى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارلىرى ئورۇنلاشتۇردى.

1663865
تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارلىرى ئورۇنلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى لەفكوشادىكى  سانائەت رايونىدىكى ئورمانچىلىق ئىدارىسى جايلاشقان ساھەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارلىرى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى يېزا ئىگىلىك ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى مىنىستىرى نازىم چاۋۇشئوغلۇغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

نازىم چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە يېزا ئىگىلىك ۋە ئورمانچىلىق ئىشلىرى باش ئىدارىسى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرغان ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارلىرىنىڭ، 2010 – يىلدىن بۇيان ئورمان ئوت ئاپەتلىرىگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئىمزالانغان كېلىشىم لايىھەسىنىڭ بىر پارىچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئوت ئاپەتلىرىگە تېخىمۇ بالدۇر مۇداخىلە قىلىش جەھەتتىن ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارلىرىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن نازىم چاۋۇشئوغلۇ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇنداق تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى، ياكى دۆلەتتە قوغدىلىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، شۇڭا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشى ھەم ياردىمى ئاستىدا ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارلىرىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارلىرىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن نازىم چاۋۇشئوغلۇ، ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارلىرىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ۋە تېخنىك خادىملاردىنمۇ ئۇچۇر ئىگىلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، كاموۋ 32 قوش ئانا موتورلۇق ۋە  12 مىڭ 700 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچارلىرى، 3.5 توننا سۇ پۈركۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر