فىرات قالقىنى رايونىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
سۈرىيەدە فىرات قالقىنى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1663875
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئىككىسى، سۈرىيەدە فىرات قالقىنى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان، بىرى، <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىغا تاجاۋۇز قىلغان جەمئىي بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 3 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزمغا ۋە تېررورچىلارغا قىلچىمۇ قېچىش يولى يوقتۇر. ئىككىسى، فىرات قالقىنى رايونىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان، بىرى، <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىغا تاجاۋۇز قىلغان جەمئىي بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 3 تېررورچى، قەھرىمان ئالاھىدە ئەترەتلىرىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىندى.»