چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيە يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ لىۋىيەگە يار - يۆلەك بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، لىۋىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېرلىن يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

1663676
چاۋۇشئوغلۇ لىۋىيە يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ لىۋىيەگە يار - يۆلەك بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، لىۋىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېرلىن يىغىنىدا، لىۋىيەنىڭ تىنچلىق، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمەتلىرىگە يېقىندىن يار – يۆلەك بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىلەن گېرمانىيەنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رىياسەتچىلىكىدە گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا چاقىرىلغان لىۋىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېرلىن يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاۋۇشئوغلۇ باياناتىدا: «لىۋىيەنىڭ تىنچلىق، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش خىزمەتلىرىگە يېقىندىن يار – يۆلەك بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلىدۇق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ب د ت بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھىمايىسىدە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا كۈچلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن چاقىرىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك لىۋىيە يىغىنىدا، لىۋىيەنىڭ مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

لىۋىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش مەقسىتىدە 2020 – يىلى 19 – يانۋاردا بىرىنچى قېتىملىقى چاقىرىلغان يىغىننىڭ ئىككىنچى قېتىملىقىغا، لىۋىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىق كېڭىشى باشلىقى مۇھەممەد ئەلمەنفى ۋە باش مىنىستىر ئابدۇلھەمىد دىبەيبە، دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ۋە لىۋىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىشتىراك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر