ئەنقەرەدە ئالىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلدى
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئالىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشچىلىقىدا ئېچىلدى.
1663511
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئالىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىن 2 يېرىم سائەت داۋاملاشتى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-الاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن يىغىن توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، يىغىندا كېڭەش ئەزالىرى، ئادالەت، قانۇن ۋە يېڭى ئاساسىي قانۇن مەسىلىلىرىنى ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلدى.