كوجا «تۇركۇۋاك» ۋاكسىناسى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغۇچىلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى يەرلىك يېڭى «تۇركۇۋاك» ۋاكسىناسىنىڭ 3 – باسقۇچلۇق سىناق خىزمىتىگە پىدائىي بولۇش ئۈچۈن 846 مىڭ 451 كىشىنىڭ ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1663115
كوجا «تۇركۇۋاك» ۋاكسىناسى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغۇچىلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن كوجا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «<تۇركۇۋاك> ۋاكسىناسىنىڭ 3 – باسقۇچلۇق سىناق پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە تۇنجى قۇتا ئەملەندى. 40 مىڭ 800 پىدائىينىڭ ياردىمىگە ئېھتىياج چۈشۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئېلتومۇر تۇتۇش سىستېمىسى ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 846 مىڭ 451 كىشى ئىلتىماس سھۇندى. نەتىجىگە تولۇق ئىشىنىمىز. پات يېقىندا ئۆزىنىڭ ۋاكسىناسىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ۋاكسىناسى دۇنيادا ئىشلىتىلىدىغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەردىن بىرىگە ئايلىنىمىز.»

قەيسەرىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن سەھىيە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق سەھىيە ئىنىستىتۇتلىرى باشقارمىسى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان «تۇركۇۋاك» ۋاكسىناسىنى 3 – باسقۇچلۇق ئەملەش پىروگراممىسى تۈنۈگۈن ئەنقەرە شەھەرلىك دوختۇرخانىسىدا باشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر