ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – گۈردۈرماما» ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1662678
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان «تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» سەرلەۋھىلىك باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان قىسىملىرىمىز، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان <پەنجە – گۈردۈرماما> ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.»
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى» دىن ئورۇن ئالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى ئۇلاش دوغان بىر تەرەپ قىلىندى.