ئەردوغان: يەرلىك ۋاكسىنانىڭ ئىسمى «تۇركوۋاك» بولدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى يەرلىك ۋاكسىنانىڭ ئىسمىنىڭ «تۇركوۋاك» بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

1662777
ئەردوغان: يەرلىك ۋاكسىنانىڭ ئىسمى «تۇركوۋاك» بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  3 – باسقۇچلۇق  يەرلىك «كوۋىد – 19» ۋاكسىناسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە پىدائىيلار تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان ۋاكسىنا ئەملەش پىروگراممىسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشتىراك قىلىشىدا ئەنقەرە شەھەرلىك دوختۇرخانىسىدا باشلاندى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «3 – باسقۇچلۇق يەرلىك <كوۋىد – 19> ۋاكسىناسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ياساپ چىقىلغان بۇ ۋاكسىنامىز بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە نۆۋەتتە بۇ ھەقتە يېڭى بىر دەۋرنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئاچماقتا، بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە دۆلىتىمىزدىكى 18 ياشتىن يۇقىرى نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى ۋاكسىنا ئەملەش پىروگراممىسىغا داخىل قىلىمىز.»

ئۇ يەنە، يەرلىك «كوۋىد – 19» ۋاكسىناسىنىڭ ئىسمىنىڭ «تۇركوۋاك» بولغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر