ئەردوغان: خەلقئارالىق سېلىنما ئىستىراتېگىيەسى يېڭى يول خەرىتىسى بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارالىق بىۋاسىتە سېلىنما ئىستىراتېگىيەسىنىڭ يېڭى يول خەرىتىسى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1662615
ئەردوغان: خەلقئارالىق سېلىنما ئىستىراتېگىيەسى يېڭى يول خەرىتىسى بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى سېلىنما ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «تۈركىيەنىڭ 2021 – 2023 – يىللىق خەلقئارالىق بىۋاسىتە سېلىنما ئىستىراتېگىيەسى» دىن ئورۇن ئالغان ئانالىزىدا، تۈركىيەنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيەتلىرى، لاياقەتلىك ئەمگەك كۈچى، ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ھەر بىر ئېھتىياجنى قاندۇرالايدىغان رىغبەتلەندۈرۈش پىلان لايىھەلىرى بىلەن خەلقئارالىق بىۋاسىتە مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىش مەركىزى بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.

 تۈركىيەنىڭ 4 سائەتلىك ئۇچۇش مۇساپىسى بىلەن 1.3 مىلياردلىق نوپۇسقا ۋە 26 تىرىليون دوللارلىق غايەت زور بازارغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتى سۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ بۇ سودا ئەۋزەللىكىدىن باشقا، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ شەرق – غەرب لىنىيەسىدە، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە توشۇشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئۆتۈش ئېغىزلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىنىڭ، يېقىنقى 19 يىل ئىچىدە سېتىۋېلىش كۈچىنى ئاشۇرغان ئوتتۇرا سىنىپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەر بىرىنىڭ نوپۇسى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان 24 دىن ئارتۇق شەھىرىمىز، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى بازىرىنىڭ گۈللىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا. ئوتتۇرىچە ياش نىسبىتى 32.7  بولغان ياش ۋە دىنامىكىلىق نوپۇسىمىز بىلەن، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان يەرلىك ئېھتىياج ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىمەكتىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ ياش نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت بولغان تۈركىيە، تالانتلىق ئىنژېنېرلىرىنىڭ سانى جەھەتتىمۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش ئىستىراتېگىيەسى، ئىقتىسادىي ساھەمىز ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان قىممەتلىك خەلقئارالىق بىۋاسىتە مەبلەغلەرنىڭ دۆلىتىمىزگە سېلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىن بىر يول خەرىتىسى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىدۇ.»

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ 2003 – يىلدىن بۇيان تەخمىنەن 225 مىليارد دوللارلىق خەلقئارالىق بىۋاسىتە سېلىنمىنى جەلپ قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر