ۋاكسىنا ئەملەشكە تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ياش چەكلىمىسى 25 كە تۆۋەنلىدى

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» ۋاكسىنىسى ئەملەشكە تېگىشلىك كشىىلەرنىڭ ياش چەكلىمىسىنىڭ 25 كە تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

1662559
ۋاكسىنا ئەملەشكە تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ياش چەكلىمىسى 25 كە تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «<كوۋىد – 19> ۋاكسىنىسى ئەملەشكە تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ياش چەكلىمىسى 25 كە تۆۋەنلىدى. دەسلەپكى ۋاكسىنا ئەملەش ئۈچۈن ئىجازەت ئېلىش ۋاقتى ئەتە بولۇپ، ياشلار ۋىرۇسقا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتسۇن!»

يەنە بىر تەرەپتىن، مىنىستىر كوجا، تۈنۈگۈن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 21 – ئىيۇن ۋاكسىنا ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: «نورمال ھايات باسقۇچىغا قەدەم قويۇش ئۈچۈن، يەنە 1 مىليون 195 مىڭ 426 قۇتا ۋاكسىنا ئەملەندى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر