چاۋۇشئوغلۇ بېرلىن كونفېرانسىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەتە گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان «لىۋىيە» تېمىلىق 2 – بېرلىن كونفېرانسىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

1662469
چاۋۇشئوغلۇ بېرلىن كونفېرانسىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ھۆرمەتلىك مىنىستىرىمىز مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە گېرمانىيەنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسلىكىدە، 23 – ئىيۇن كۈنى بېرلىن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان <لىۋىيە> تېمىلىق 2 – بېرلىن كونفېرانسىغا قاتنىشىدۇ. كونفېرانستا، لىۋىيەدە 24 – دېكابىر كۈنى سايلاملار ئارقىلىق نەتىجىلىنىدىغان سىياسىي باسقۇچنىڭ خەۋپ – خەتەرسىز تاماملىنىشى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر