تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 63 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 63 كىشىىگە يەتتى.

1661596
تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 63 كىشى قازا قىلدى

 

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 49 مىڭ 185 كىشىگە يەتتى.

يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 213 مىڭ 297 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 409 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. كۈندىلىك يېنىك يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەرنىڭ سانى 5091 گە يەتتى.

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 4219 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 5 مىليون 232 مىڭ 638 كىشىگە يەتتى.

بۇ ئارىلىقتا كوۋىد-19 غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، تۈكىيە مىقياسىدا بىرىنچى ۋە ئىككى قېتىم ۋاكسىنا ئەملەنگەنلەرنىڭ سانى تۈركىيە ۋاقتى 19:38 دىكى ھېساب بويىچە 41 مىليون 481 مىڭ 84 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر