تۈركىيە بىلەن ھايتى مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقى ئورنىتىدىغان بولدى

تۈركىيە بىلەن ھايتى ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇددىئا خىتابنامىسى ئىمزالاندى.

1661320
تۈركىيە بىلەن ھايتى مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقى ئورنىتىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھىمايىسىدە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى (ADF) يىغىنى دائىرىسىدە، تۈركىيە مۇداپىئە شىركەتلىرىدىن باشقا يەنە، مالتا، ھايتى، سېنېگال، ئۇكرائىنا، نىگېر، سومالى، قىرغىزىستان ۋە بېنگالنىڭ مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىسى باشلىقى ئىسمائىل دەمىر تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى خىزمەتلىرى، ھەمكارلىقى ۋە سېلىنمىلىرىنى چۈشەندۈردى.

يىغىنىدا ئىسمائىل دەمىر ۋە ھايتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ژان ۋالنارد دورنېۋال ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇددىئا خىتابنامىسىغا ئىمزا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر