ئەردوغان تۈنۈگۈن ھايتىنىڭ پرېزىدېنتى جوۋېل مويس بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانتاليادا ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1661119
ئەردوغان تۈنۈگۈن ھايتىنىڭ پرېزىدېنتى جوۋېل مويس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ۋە ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم  ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ھايتىنىڭ پرېزىدېنتى جوۋېل مويس بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىش ئاخباراتقا يېپىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر