تۈركىيەدە بۈگۈن ۋىرۇس سەۋەبىدىن 51 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كوۋىد -19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 51 كىشىىگە يەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يۇقۇم باشلانغاندىن بۇيان قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 49 مىڭ 122 كىشىگە يەتتى.
يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 215 مىڭ 496 كىشى تەكشۈرۈلدى ۋە بۇلاردىن 494 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى. كۈندىلىك يېنىك يۇقۇملىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلەرنىڭ سانى 5480 گە يەتتى.
ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 4195 كىشىنى قوشقاندا، ئەسلىگە كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 5 مىليون 228 مىڭ 419 كىشىگە يەتتى.
بۇ ئارىلىقتا سەھىيە مىنىستىرى فاخرەتتىن كوجا تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋاكسىنا ئەملەش ياش چەكلىمىسىنىڭ 30 ياشقا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، 30 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئەتىدىن ئېتىبارەن ۋاكسىنا ئەملەنسە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سەمىھ شۇكرى تۈركىيەگە كېلىدۇ
تۈركىيە غەززەگە ئالاقىدار قويۇق دىپلوماتىك خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا