ۋاكسىنا ئەملەشتە بىر يېرىم مىليون رېكورتى بۇزۇپ تاشلاندى

تۈركىيەدە «كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە بىر كۈن ئىچىدە 1يېرىم مىليون قۇتا ۋاكسىنا ئەملەش رېكورتى بۇزۇپ تاشلاندى.

1660356
ۋاكسىنا ئەملەشتە بىر يېرىم مىليون رېكورتى بۇزۇپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالدىنقى كۈنى، 24 سائەت ئىچىدە بىر يېرىم مىليون قۇتا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنىڭ تاماملىنىشىغا 2 سائەت 17 مىنۇت قالغاندا، سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بەردى:

ئالدىنقى كۈنى سائەت 21.43 تە بىر كۈن ئىچىدە 1يېرىم مىليون قۇتا ۋاكسىنا ئەملەندى. ۋاكسىنا ئەملەش قوشۇنىمىز، 2 سائەت 17 مىنۇت ئىچىدە يەنە 82 مىڭ 232 قۇتا  ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 1 مىليون 582 مىڭ 232 قۇتا ۋاكسىنا ئەملەنگەن بولدى. سائەت 24 ئېتىبارى بىلەن، يېڭى كۈن ئۈچۈن پائالىيەت باشلاندى. خاتىرجەم ئۇخلاڭلار. ياخشى چۈش كۆرۈڭلار!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر