تۈركىيەۋاكسىنا ئىشلىرىدا قىبرىسنى ئۇنتۇپ قالمىدى

تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە 26 مىڭ دانە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ئەۋەتتى.

1660384
تۈركىيەۋاكسىنا ئىشلىرىدا قىبرىسنى ئۇنتۇپ قالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە 26 مىڭ دانە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ئەۋەتتى.

تۈنۈگۈن (2021-يىلى 18-ئىيۇن) كەچتە تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئايروپىلانىدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئېلىپ بېرىلغان ۋاكسىنالار ئەرجان ئايرودۇرۇمىدا، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارغا تاپشۇرۇلدى.

بۇنىڭ بىلەن، تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگەئەۋەتكەن ۋاكسىنا سانى 216 مىڭغا يەتتى. ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە 300 مىڭ دانە ئەۋەتىش پىلان قىلىنماقتا.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى ئۈنال ئۈستەل «بايراق رادىيو-تېلېۋىزىيەسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئەنقەرە زىيارىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيەدىن ۋاكسىنالارنىڭ ھەر ھەپتە بېكىتىلگەن سان بويىچە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى ۋە ۋاكسىنا ئەملەش سەپەرۋەرلىكىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر