ئەردوغان تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا رايونىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا 2030 ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىمى» نىڭ ئىقتىسادنى سىجىل ئاشۇرۇش نىشانىمىزغا يېتىشىمىزگە ياردەمچى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

1660168
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا رايونىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئانتاليادا «شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇساپىسى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى» نى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالدى.

ئۇ يىغىندا، تۈركىيەنىڭ رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ۋە پاراۋانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «رايوننىڭ قانىغان يارىسى ئىقتىساسلىقلارنىڭ كۆچۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئەدلىيە،يېزا ئىگىلىك سىياسەتلىرى، مائارىپ، تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈستىدە ئىزدەندۇق. دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىقلارنىڭ ھەمكارلىقلارغا سەلبىي تەسىر قىلماسلىقى ئۈچۈن دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلدۇق.

تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىلىرىنى تېزلەشتۈرۈش، ئىتتىپاققا دۇنيا جەھەتتىن ئېيتقاندا پايدىلىق. شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا 2030 ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىمىنىڭ، ئىقتىسادنى سىجىل ئاشۇرۇش نىشانىمىزغا يېتىشىمىزگە ياردەمچى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ رايوندىكى سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دىيالوگدىن باشقا يولنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر