تۈركىيەنىڭ «F-16» ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئامېرىكانىڭ «B-52» ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ھەمراھ بولدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپا قوماندانلىق ئىشتابى (EUCOM) نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «B-52» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ھەمراھ بولدى.
1659953
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپا قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت «F-16» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «B-52» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ھەمراھ بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ، «KC-135R» تىپلىق ھاۋا بوشلۇقىدا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى ئارقىلىق ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىغا ماي قاچىلاپ بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.