تۈركىيەدە بۈگۈن62يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 62كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1660174
تۈركىيەدە بۈگۈن62يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن62كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى49مىڭ 12گە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 225مىڭ 64ئادەمنىڭ 509نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 5مىڭ 904كە يەتتى.

سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان4مىڭ143ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 5 مىليون 219مىڭ 797گە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر