فىرانسىيە تۈركىيەنى ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلغان «قىزىل تىزىملىكتىكى دۆلەتلەر» قاتارىدىن چىقاردى

فىرانسىيە تۈركىيەنى كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلغان «قىزىل تىزىملىكتىكى دۆلەتلەر» قاتارىدىن چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1659912
فىرانسىيە تۈركىيەنى ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلغان «قىزىل تىزىملىكتىكى دۆلەتلەر» قاتارىدىن چىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەلى ئونانەر تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «فىرانسىيە تارماقلىرىغا يوللىغان) مەلۇماتلار نەتىجىسىدە، فىرانسىيەنىڭ ساياھەت چەكلىمىسى قويۇلغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە تۈركىيەنى قىزىل رەڭدىن ئاپېلسىن رەڭگە ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئونانەر: «بارلىق ساياھەت قىلغۇچىلارغا ساغلام ۋە گۈزەل دەم ئېلىشىنى تىلەيمەن» دېدى.

شۇنداق قىلىپ تۈركىيەدىن فىرانسىيەگە بارىدىغان يولۇچىلار ئۈچۈن مەجبۇرى 10 كۈنلۈك كارانتىنا بىكار قىلىنغان بولدى.

فىرانسىيە يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا دۆلەتلەرنى يېشىل، ئاپېلسىن ۋە قىزىلدىن ئىبارەت 3 ئايرىم تىزىملىككە قويغان بولۇپ، يېشىل تىزىملىكتىكى دۆلەتلەردە ۋىرۇسنىڭ ئاكتىپ تارقالمىغانلىقى ۋە كوۋىد-19 ۋارىيانتلىرىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلمايدىغانلىقى، ئاپېلسىن تىزىملىكىدىكى دۆلەتلەردە، كوۋىد -19 نىڭ ئاكتىپ ھالدا تارقالغانلىقى، ئەمما كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ۋە قىزىل تىزىملىكتىكى دۆلەتلەردە، ۋىرۇسنىڭ ئاكتىپ تارقىلىۋاتقانلىقى ھەمدە ۋىرۇس ۋارىيانتلىرىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر