چاۋۇشئوغلۇ: شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا كىرىزىسكە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بىر شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا بارلىقىنى ئېيتتى.

1659810
چاۋۇشئوغلۇ: شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا كىرىزىسكە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدا ئىزدىنىۋاتىدۇ
gdau disisleri bakanlari antalya .jpg
cavusoglu gdau antalya.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىل تۈركىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىدە چاقىرىلغان شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ساھىبخانىلىقىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى بىلەن باشلاندى.

چاۋۇشئوغلۇ، يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، بۇ يىل بىرلا ۋاقىتتا شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسىنىڭ 25 – يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بىر شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا بار، رايوننىڭ ئەڭ كەڭ دائىرىلىك مۇنبىرى بولغان شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسى،  ئەڭ مۇشەققەتلىك زامانلاردىمۇ رايون دۆلەتلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلالىغان بىر مۇنبەر بولدى.»

تۈركىيە  3 – قېتىم نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان مەزگىلدە 40 تىن ئارتۇق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ھەمدە تۇنجى قېتىم چاقىرىلغان دىئاسپورا ۋە ياشلار مۇنبىرى يىغىنلىرىنىڭ مۇھىم پائالىيەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، بۇ باسقۇچتا، «2023 – يىللىق ئىستىراتېگىيە ھۆججىتى» نىڭ تەييارلىنىشىنىڭمۇ مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى، رايوننىڭ ياۋروپا – ئاتلانتىك تەشكىلاتلىرى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى ھەمىشە تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلىپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسى دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى نۇقتىئىنەزەرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئورتاق نىشانىمىزدۇر. شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئەزا بولغاندىلا، ئاندىن ياۋروپا ئىتتىپاقى يەر شارى خاراكتېرلىك ئاكتىيورغا ئايلىنالىشى مۇمكىن.»

نۆۋەتچى رەئىسلىكى ئەسناسىدا تۈركىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسى دۆلەتلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسىنىڭ كېلەر قېتىملىق نۆۋەتچى رەئىسى گىرېتسىيەگە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى، ھەمدە ئاتىنانى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، 2022 – 2023 – يىللىرى نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلغان (قاراتاغ) پودگورىتساياغىمۇ مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

شەرقىي جەنۇبىي ياۋروپا ھەمكارلىق مۇساپىسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى بولسا، چۈشتىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر