تۈركىيەدە بۈگۈن71يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 71كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1659437
تۈركىيەدە بۈگۈن71يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن71كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى48مىڭ 950كە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 227مىڭ 163ئادەمنىڭ 548نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 6مىڭ 221گە يەتتى.

سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان4مىڭ632ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 5 مىليون 215مىڭ 654كە يەتتى.

تۈركىيەدە ھازىرغىچە (ئەنقەرە ۋاقتى 19:46) بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق ئەملەنگەن ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى سانى 37 مىليون 59 مىڭ 514 كە يەتتى. يېقىنقى 24 سائەتتە بولسا، 1 مىليون 447 مىڭ 846 بولدى.

 

 


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر