ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ «شۇشا باياننامەسى» نى ئىمزالىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «شۇشا باياننامەسى» نى ئىمزالىدى.

1658621
ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ «شۇشا باياننامەسى» نى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئارىدىن 28 يىل ئۆتكەندىن كېيىنö ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان تاغلىق قاراباغنىڭ سىمۋول شەھىرى شۇشادا، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

شۇشا ۋالىي مەھكىمىسىدىكى قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئەلىيېۋ بىلەن ئەردوغان ئايرىم كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «شۇشا باياننامەسى» نى ئىمزالىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىمزا مۇراسىمىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «شۇشا باياننامەسى» ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىققانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 44 كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن تاغلىق قاراباغنىڭ ئۆز ئىگىلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ قاراباغ زەپىرىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن.»

تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكىگە ئوخشاشلا قايتا قۇرۇپ چىقىش پائالىيەتلىرىدىمۇ ئەزەربەيجانغا ھەر جەھەتتىن ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تاغلىق قاراباغنىڭ تەكرار بۇرۇنقى ئاۋات ھالىتىگە ۋە ئۆز كىملىكىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، بىر تەرەپتىن، ۋەيرانچىلىقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش خىزمىتى داۋاملاشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تاغلىق قاراباغ ۋە ئەزەربەيجان تېررىتورىيەلىرىنىڭ قايتا بۇنداق بىر پالاكەتكە دۇچ كەلمەسلىكى ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەممىنى ئەزەربەيجاننىڭ زەپىرىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئەرمېنىيەنىڭ ئۆزىگە سۇنۇلغان ياخشى نىيەت ۋە ھەمكارلىق قولىنى تۇتۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، 6 تەرەپلىك مۇنبەر (رۇسىيە، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، گىرۇزىيە ۋە ئىران) بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭدىن كېيىن رايوننىڭ تىنچلىق  ئىچىدە بىرگە ياشىغىلى بولىدىغان بىر رايونغا ئايلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بىز قېرىندىشىم (ئەلىيېۋ) بىلەن بىرلىكتە ھەر تۈرلۈك پىداكارلىقنى كۆرسىتىشكە تەييارمىز.»

ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنى ئالدىمىزدىكى ئايلاردا تۈركىيەدە چاقىرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 1 – ئاپرېل كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن كىملىك بىلەنلا ساياھەت قىلىش بەلگىلىمىسىنىڭ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى قولايلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنى بىر - بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە شۇشادا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باش كونسۇلخانا ئېچىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بولسا، «شۇشا باياننامەسى» نىڭ، كەلگۈسىدىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاراباغ ئۇرۇشى باشلانغان كۈندىن تارتىپ ھازىرغىچە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ئەزەربەيجاننى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا  قوللايدىغانلىقىنى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئۇرۇشتا تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ياردىمىنى كۆردۇق،  تۈركىيەنىڭ بۇ ياردەملىرىنى ئەسلا ئۇنتۇمايمىز.»

ئۇ يەنە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىم لايىھەسى» نىڭ، بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئىمزالانغان «قارس كېلىشىمى» گە ئاساسلىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر