ئاقار: تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە يالغۇز تاشلاپ قويۇلدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئىتتىپاقداش تەرىپىدىن يالغۇز تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

1655965
ئاقار: تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە يالغۇز تاشلاپ قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار بىلەن باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ياشار گۈلەر، خەلقئارا ھەربىي تەشكىلات سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن دېڭىز بىخەتەرلىكى مۇنەۋۋەر قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئاقار، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلغان بولۇشىغا قارىماي، ئەنقەرەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە قارشى كۈرىشىدە ئوخشاش پوزىتسىيەنى نامايەن قىلالمىغانلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى ۋە رايونلۇق مۇقىملىققا تەھدىت سېلىۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى پائالىيەتلىرىگە قارشى، بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقداشلىرىغا سان – ساناقسىز قېتىم چاقىرىقتا بولغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سان – ساناقسىز  قېتىم ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا سۈرىيەدە بىخەتەر رايون شەكىللەندۈرۈش تەكلىپى سۇندۇق ۋە بىرلىكتە بىر قىسىم پىلانلار ئۈستىدە پۈتۈشتۇق. نېمىشقىكىن، بۇ ئورتاق تونۇشلىرىمىز ئىشقا ئاشۇرۇلمىدى ۋە تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش يالغۇز تاشلاپ قويۇلدى.»

تۈركىيەنىڭ سۈرىيە خەلقىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە يۈكلىگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭمۇ دائېشقا قارشى مۈرىنى مۈرىگە تېرەپ كۈرەش قىلغان يېگانە ناتو ئارمىيەسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاقار، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىزنىڭ كۈتىدىغانلىرىمىز، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىز بىلەن بىرلىكتە ئورتاق ھەرىكەت قىلىشلىرى، تۈركىيەنىڭ جىددىي بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرىگە بىرلىكتە چارە ئىزدەشلىرى ۋە يېنىمىزدا بولۇشلىرىدۇر. بارلىق قوشنىلىرىمىزنىڭ چېگرالىرىغا، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىمىز، ھېكىمنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىدا، زېمىنىدا كۆزىمىز يوقتۇر، كۈرىشىمىزنىڭ نىشانى تېررورىزمدۇر، تېررورچىلاردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر