ئەردوغان: تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا كەڭ دائىرىلىك كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كېلەر ھەپتە تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا كەڭ دائىرىلىك بىر كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1656228
ئەردوغان: تۈركىيە – ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدا كەڭ دائىرىلىك كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا جامە ئېچىلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، 14 - ئىيۇن كۈنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئالدى بىلەن فۇزۇلىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كېيىنچە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن شۇشادا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كەڭ دائىرىلىك بىر كېلىشىم لايىھەسىنىڭ ئىمزالىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەرمېنىيە كۆمۈپ قويغان مىنالار مەسىلىسى توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بولۇپمۇ مىنا مەسىلىسىدە بىز ئالاقىدار تەرەپلەرگە، <كېلىڭلار، بۇ ھەقتە كېرەكلىك ياردەمدە بولۇڭلار، ئالدى بىلەن بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلايلى> دەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر