ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنى ۋە بايدىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشى جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1656286
ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنى ۋە بايدىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇل ئۈسكۈداردىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى تاماملىنىپ ئىبادەتكە ئېچىلغان شەھرىبان خاتۇن جامەسىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، 14 – ئىيۇن بېلگيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «سىلەرنىڭمۇ بىلگىنىڭلاردەك، بۇ بىر ناتو باشلىقلار يىغىنى. شۇڭا ئاساسلىقى ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلدۇق، نېمىلەرنى قىلىۋاتىمىز ۋە نېمە ئىشلارنى قىلىمىز؟ دېگەندەك مەسىلىلەر كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. تۈركىيە ناتو دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان كۈچلۈك بىر دۆلەت» دېدى.

ئۇ، بايدىن بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىدا، تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئايرىم ئۇچرىشىشلىرىمىز بار. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى  بورىس جونسون، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشىمىز. ماكرون بىلەن تۈركىيە – فىرانسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىجابىي – سەلبىي تەرەپلىرى توغرىسىدا سۆزلىشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر