«پەنجە – گۈلدۈرماما» ھەرىكىتى داۋامىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدا «پەنجە – گۈلدۈرماما» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى يەنە 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1656191
«پەنجە – گۈلدۈرماما» ھەرىكىتى داۋامىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، دۆلەت ئىچى - سىرتىدا داۋاملىشىۋاتقان تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە - گۈلدۈرماما» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئېنىقلاپ چىقىلغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى يەنە 2 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «قەھرىمان قىسىملىرىمىزنىڭ تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىش نىشان قىلىنغان ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر