ئەردوغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپپاروۋنى 21 پاي توپ ئوقى ئېتىلغان مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستانغا بولغان ھەر تۈرلۈك قوللىشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1654980
ئەردوغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى جاپپاروۋنى 21 پاي توپ ئوقى ئېتىلغان مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سادىر جاپپاروۋ مۇراسىمدا ئۆز ئورۇنلىرىغا كېلىشى بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىقلال مارشلىرى ئوقۇلدى، 21 پاي توپ ئوقى ئېتىلدى.

مۇراسىمدا، تارىختا قۇرۇلغان 16 تۈرك دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بايراقلار ۋە ئەسكەرلەرمۇ ئىدى.

مۇراسىمغا، تۈركىيە تەرەپتىن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، مالىيە مىنىستىرى لۈتفى ئەلۋان، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرىئەرسوي، سودا مىنىستىرى مەھمەت مۇش، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

قىرغىزىستان تەرەپتىن، سادىر جاپپاروۋغا يۇقىرى دەرىجىلىك مىنىستىرلار ۋە ھەربىي مەسئۇللار ھەمراھ بولدى.

ئەردوغان بىلەن جاپپاروۋنىڭ ئايرىم كۆرۈشۈشى ۋە ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشلەردىن كېيىن، ئىككى رەھبەر بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ھۆرمەتلىك قىرغىزىستان پىرېزىدېنتىغا، تۈركىيەنىڭ قىرغىز خەلقى ۋە دۆلىتىگە بولغان قوللىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدۇق. 11-ئاپرېل (2021) ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن رېفېراندۇمى بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. قىرغىز خەلقى بۇ رېفېراندۇم بىلەن پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىنى تاللىدى. يېڭى تۈزۈمنىڭ خەيرىلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قىرغىزىستاننىڭ يېڭى ئىمكانىيەتلەرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىلگىرىلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تۈركىيە تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىشنى ۋە قىرغىزىستانغا بولغان ھەر تۈرلۈك قوللىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئۇ كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە بىلەن قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇداسىۋەتلىرىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «507 مىليون دوللار سەۋىيەسىدىكى سودا ئومۇمىي ھەجىمىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  مەزگىلىگە قارىماستىن چوڭ تۆۋەنلەش كۆرۈلمىدى. دېمەك، يوشۇرۇن كۈچىمىزنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ناھايىتى ئېنىق. 1 مىليارد دوللارلىق سودا ئومۇمىي ھەجىمىگە يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ غەيرەت قىلىمىز. ئېلىنغان قارارلار ۋە قىسقا ۋاقىت ئىلگىرى ئىمزالانغان كېلىشىملەر بىلەن، ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئەھدى ئاساسىنى كۈچەيتتۇق. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى توغرىسىدا، ئورتاق خىتابنامىمىزدا باسىدىغان قەدەملەرگە مۇناسىۋەتلىك پىلان-لايىھەلىرىمىزنى بەلگىلىدۇق. ئۆزئارا سېلىنمىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە قىممەتلىك قېرىندىشىم بىلەن ئوخشاش ھېسسىياتنى ئورتاقلىشىشتىن ئۆزەمنى مەمنۇنلۇق ھېس قىلىمەن. تۈركىيە-قىرغىزىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان سەپەرلىرى كۆپەيتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، بۇ بېرىش-كېلىشلەر تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ ۋە تېخىمۇ پەرقلىق ھالغا كېلىدۇ» دېدى.

ئۇ كۆرۈشۈشلەردە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىن ۋە رايونلۇق ھەمكارلىققىچە بارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن مىللىي خەۋپسىزلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدىغانلىقى مەسىلىسىدە جاپپاروۋ بىلەن ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى ۋە مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، بۇ تەھدىت ئۈستىدىن بىرلىكتە غەلىبە قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ قىرغىزىستاننىڭ، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق سەھنىلەردە ئەھمىيىتىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر