چاۋۇشئوغلۇ لاتۋىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ لاۋىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئارتىس پابرىكس بىلەن كۆرۈشتى.

1653886
چاۋۇشئوغلۇ لاتۋىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «لتاۋىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئارتىس پابرىكس بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىز ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق.»

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىككىنچى ئىتتىپاقدىشى لاتۋىيە بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر