تۈركىيەدە بۈگۈن 91 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 91كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1653465
تۈركىيەدە بۈگۈن 91 يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن91 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى48مىڭ 255كە يەتتى.

بۈگۈن بىر كۈندە سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن 218مىڭ 164ئادەمنىڭ 495نەپىرىدە يۇقۇم بايقالدى.

كۈندىلىك يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 5مىڭ 647گە يەتتى.

سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستتىن چىققان6مىڭ576ئادەمنى قوشقاندا جەمئىي سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 5 مىليون 167مىڭ 350كە يەتتى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ۋابا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر