تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن سىياسىي سۆھبەت كېڭەش يىغىنى چاقىرىلدى.

1652201
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى باش ئەلچى سەدات ئۈنال بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئېنرىك مورا رىياسەتچىلىكىدىكى سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ تۈنۈگۈن ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇچرىشىشتا، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر