ئەردوغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1645795
ئەردوغان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 20 گە يېقىن شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى بىلەن ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدىغان كۆرۈشۈشىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى، تۈركىيەدىكى مەبلەغ سېلىش ئىمكانىيەتلىرى تەشكىل قىلىدۇ.

ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا تۈركىيەگە مەبلەغ سالغان خەلقئارالىق شىركەتلەر بەھرىمەن بولىدىغان ئەۋزەللىكلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، شىركەت ۋەكىللىرىنىڭ سوئاللىرىغىمۇ جاۋاب بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر