تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بومبا مۇتەخەسسىسى قولغا چۈشتى

ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىزدەۋاتقان، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بومبا مۇتەخەسسىسى مۇستافا ئابدۇلۋاھاپ سوفى مەھمۇت ئىستانبۇلدا تۇتۇلدى.

1644463
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بومبا مۇتەخەسسىسى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىزدەۋاتقان، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بومبا مۇتەخەسسىسى مۇستافا ئابدۇلۋاھاپ سوفى مەھمۇت ئىستانبۇلدا تۇتۇلدى.

مۇستافا ئابدۇلۋاھاپ سوفى مەھمۇت 1999-يىلى مىسىردا تۇغۇلغان بولۇپ، سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قاتناشقان.

ئۇ سۈرىيەدە ھەر خىل پارتلىغۇچ، ئادەم بومبا تاسمىلىرى ياساشتا مۇتەخەسسىسلەشكەن ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى ھۇجۇملىرىدا ئىشلىتىدىغان بومبىلارنى تەييارلايدىغان گۇرۇپپىنىڭ مۇھىم ئەزاسىغا ئايلانغان.

ئۇ سۈرىيەدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مىسىرغا بارغان ۋە ئارقىدىن تۈركىيەگە كەلگەن.

ئۇ ئىنتېرنېتتا دائېش تېررورچىلىرىغا بومبا ياساش ۋە خىمىيە دەرسلىرىنى بەرگەن.

مۇستافا ئابدۇلۋاھاپ سوفى مەھمۇت ئامېرىكا ئىستىخباراتى تەرىپىدىن ئىزدىلىۋاتقان بولۇپ، قولغا چۈشۈرۈلگەن مەلۇماتلار، تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

مۇستافا ئابدۇلۋاھاپ سوفى مەھمۇت ئالاقە قىلغان ئۈچ كىشى بىلەن ئەسەنيۇرتتا تۇتۇلدى.

تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلىشىدە، تۆت گۇماندارنىڭ قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنى باشقۇرۇش ۋە ئەزا بولۇش جىنايىتى بىلەن 22.5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر