ئەردوغان ۋابانىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رامىزان ئېيى بويىچە يولغا قويۇلغان قىسمەن ۋە تولۇق ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) تەدبىرلىرى سايىسىدا، ۋابانىڭ زور دەرىجىدە كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
1641040
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كابېنت يىغىنىدىن كېيىن، نۇرغۇن مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.
ئۇ: «بۇنىڭدىن كېيىن، ئىلگىرىكىدەك كەڭ كۆلەملىك چەكلىمە تەدبىرلىرىگە ئېھتىياجلىق بولماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
ئۇ ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمەتلىرى سۈرئىتىنىڭ تېزلەشتۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.