ئەردوغان پاپا فرانسىس بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كاتولىكلارنىڭ روھانى رەھبىرى پاپا فرانسىس تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1640707
ئەردوغان پاپا فرانسىس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پاپا فرانسىس، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەت ئەسناسىدا، پەلەستىندە بىر پاجىئەنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ ئوبيېكىتلىرىنىڭ يالغۇز پەلەستىنلىكلەرلا ئەمەس، پۈتكۈل مۇسۇلمانلار، خىرىستىيانلار ۋە ئىنسانىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر