چاۋۇشئوغلۇ رائاب بىلەن تېلېفونلاشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائاب بىلەن تېلېفونلاشتى.

1640824
چاۋۇشئوغلۇ رائاب بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دومىنىك رائاب بىلەن تېلېفونلىشىپ، پەلەستىننىڭ نۆۋەتتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا سەھنىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

 مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بۇ دائىرىدە پەلەستىندىكى پۇقرالارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋەھشىيلىكنى تىلغا ئېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا تېخىمۇ كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈنۈگۈن قاتار، پەلەستىن ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ بىلەنمۇ ئايرىم – ئايرىم تېلېفونلىشىپ، پەلەستىن ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلەشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر