1071 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىنغان

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار «پەنچە-چاقماق» ۋە «پەنچە-گۈلدۈرماما» ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ھازىرغىچە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 113 ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1640955
1071 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىنغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار ئارمىيەنىڭ ھەر قايسى قوماندانلىرى، مۇئاۋىن مىنىستىر يۇنۇس ئەمرە كارائوسمانئوغلۇ ۋە ئالپئارسلان كاۋاكلىئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشتى.

ھۇلۇسى ئاكار ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان مەتىنا ۋە ئاۋاشىن-باسيان رايونىدا بىرلا ۋاقىتتا باشلانغان «پەنچە-چاقماق» ۋە «پەنچە-گۈلدۈرماما» ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ، يەز تۈزۈلۈشىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشىغا قارىماي پىلان بويىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، 113 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى، 107 ئۆڭكۈر ۋە پاناھلىنىش جايلىرى بىتچىت قىلىندى» دېدى.

ئۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تېررورىست بىر تەرەپ قىلىنغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «1-يانۋار (2021) دىن بۈگۈنگىچە 1070 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر