شەنتوپ قازاقىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ قازاقىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى مائۇلېن ئاشىمبايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، قازاقىستان خەلقىنىڭ «روزا ھېيت» ىنى تەبرىكلىدى.

1639814
شەنتوپ قازاقىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى نامىدىن قازاقىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى مائۇلېن ئاشىمبايېۋ ۋە قازاقىستان خەلقىنىڭ «روزا ھېيت» ىنى تەبرىكلىدى، ھەمدە تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى دوستلۇقتىنمۇ بەكرەك قېرىنداش دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر دەپ ئاتاپ مۇنداق دېدى: «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرىمىزنى ھەر سەۋىيەدە، دۆلەت باشلىقلىرى ۋە پارلامېنت باشلىقلىرى سەۋىيەسىدە داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر.»

قازاقىستان كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى مائۇلېن ئاشىمبايېۋ مۇنداق دېدى: «‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق، شۇ ۋاقىتتا تۈركىيە ئەۋەتكەن ياردەملەرنى ئۇنتۇمىدۇق، ھېچقاچان ئۇنتۇمايمىز.»

تۈركىيەنىڭ تۈركىستاندا باش كونسۇلخانا ئېچىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاشىمبايېۋ، بۇ قارارنىڭ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر