ئەردوغان نىگېرىيە پىرېزىدېنتى بۇخارى ۋە لىۋىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىگېرىيە پىرېزىدېنتى بۇخارى ۋە لىۋىيە مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1639286
ئەردوغان نىگېرىيە پىرېزىدېنتى بۇخارى ۋە لىۋىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان نىگېرىيە پىرېزىدېنتى بۇخارى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ پەلەستىنگە قىلىنغان ھۇجۇمىغا، «قانۇن، ئادالەت ۋە ۋىجداندىن يوقسۇن ئىسىرائىلىيە» گە، كېرەكلىك ساۋاقنى بېرىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىككى دۆلەت ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختالدى ۋە نىگېرىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ توغرا دەۋاسىدا ھەمكارلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ لىۋىيە مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئابدۇلھامىد دىبەيبە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدىمۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرىدىن باشقا، ئىسىرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسا، غەززە ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملار مۇزاكىرە قىلىندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر