ئەردوغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «پەلەستىندە پۈتكۈل دۇنيا كۆرمەسكە سالسىمۇ، ئىسىرائىلىيەنىڭ زۇلۇمىغا رازى بولمايمىز» دېدى.

1639473
ئەردوغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى بىلەن سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى.

ئۇ: «تۈنۈگۈن سۈرىيە چېگرامىزنى بويلاپ قۇرۇلماقچى بولغان تېررورلۇق كارىدورىغا قانداق رۇخسەت قىلمىغان بولساق، بۈگۈنمۇ مەسجىدى ئەقسانىڭ مەھرىمىگە سوزۇلغان قوللارغا ئوخشاش ھالدا قەتئىيلىك بىلەن قارشى چىقىمىز» دېدى.

ئۇ ھازىرغىچە 19 دۆلەتنىڭ پىرېزىدېنتى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۆزئارا ھېيتلاشتۇق ۋە قۇددۇستا ھەمدە باشقا شەھەرلەردە ياشىغان ۋەقەلەر توغرىسىدىكى ئەندىشەلىرىمىزنى ئورتاقلاشتۇق. قىسقىسى، دىپلوماتىيەنى قانات يايدۇردۇق. ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن شەھەرلىرى ۋە قۇددۇستىكى ھۇجۇملىرىغا قارشى چىقىش ئىنسانىيەنىڭ بۇرچى. ئىسىرائىلىيە تۆككەن قانلارغا، قىلغان ھۆرمەتسىزلىكلىرىگە ئاۋاز چىقارماي ياكى ئوچۇق-ئاشكارا شېرىك بولغانلار، بىر كۈنى نۆۋەتنىڭ ئۆزلىرىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلىشى لازىم» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

«ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ئېتىقادى، مىللىتى ۋە مەزھىپى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر بىر دۆلەتنى، ھەر قايسى ئىدارە-ئورگانلارنى بالدۇرراق ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە دەۋەت قىلىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر