ئوقتاي ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، قۇددۇسنىڭ پەلەستىننىڭ پايتەختى بولۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1638800
ئوقتاي ھېيت نامىزىدىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي پايتەخت ئەنقەرەدىكى مىللەت جامەسىدە ھېيت نامىزىنى ئۆتىگەندىن كېيىن بايانات بەردى؛ ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ 1947 – يىلىدىن بېرى زۇلۇم سېلىپ كېلىۋاتقان بىر تېررور دۆلىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «قۇددۇس پەلەستىنلىكلەرنىڭكىدۇر ۋە پەلەستىن بىر مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە — ئىنشائاللاھ — كېلەچەكتە ئۆزى لايىق ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ بىر قانچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا دۇنيانىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ئوقتاي: «قۇددۇسنى مەجبۇرىي شەكىلدە ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان دۆلەتلەر بۇ زۇلۇمغا شېرىكتۇر» دېدى.

ئۇ، مەسجىدى ئەقسادا پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئىسرائىلىيە دۆلىتى پۈتۈنلەي بىر تېررور دۆلىتىگە ئايلاندى. ئىنشائاللاھ بۇ زۇلۇم ئاخىرلىشىدۇ. نېمە قىلسا قىلسۇن، مەسجىدى ئەقسا مۇسۇلمانلارنىڭكى، پەلەستىنلىكلەرنىڭكىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسا ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىشىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «مەسجىدى  ئەقسا بىزنىڭ تۇنجى قىبلىمىزدۇر ۋە تۇنجى قىبلىمىز بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. قۇددۇس پەلەستىننىڭ پايتەختىدۇر ۋە پايتەختى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر