ئارىدىن 87 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئاياسوفيا جامەسىدە روزا ھېيت نامىزى ئادا قىلىندى
مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىلغان ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىپىدە ئارىدىن 87 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم روزا ھېيت نامىزى ئوقۇلدى.
1638742
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجى قېتىملىق روزا ھېيت نامىزىغا دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباش ئىمام بولدى.
كوۋىد – 19 يۇقۇمىنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە جامەنىڭ ئىچىگە ئاز ساندا جامائەتنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىندى، قالغان كىشىلەر جامەنىڭ ھويلىسى ۋە ئەتراپتىكى كوچىلاردا سەپ بولۇپ ناماز ئۆتىدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ بىلەن ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇ، ئىستانبۇل ۋالىيسى ئەلى يەرلىقايا، فاتىھ شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ئەرگۈن تۇران قاتارلىقلارمۇ ھېيت نامىزىنى ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىپىدە ئۆتىدى.
شەنتوپ نامازدىن كېيىن مۇخبىرلارغا ئىسرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇس ۋە غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات بېرىپ: «بۇ، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى، ئىككى مىلياردتىن ئارتۇق دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى رەنجىدە قىلغان، ئەپسۇسلاندۇرغان، باشقىچە ئېيتقاندا، ھېيتىنى زەھەرگە ئايلاندۇرغان بىر ئىش، بىر كارتىنا» دېدى.
ئۇ، ئىسلام دۆلەتلىرى باشتا بولۇپ، دۇنيا ئەللىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بۇ خىل قىلمىشلارغا، ئىشغال ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىراق ۋە سۈرىيەدە 75 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلمەكتە.