ئالتۇن ئىسرائىلىيەنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ۋە ت ر ت غا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ۋە ت ر ت (تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى) غا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

1639011
ئالتۇن ئىسرائىلىيەنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ۋە ت ر ت غا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاھرەتتىن ئالتۇن تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندە ئىنسانلىق جىنايىتى سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىشغال سىياسىتى ۋە تېررورلۇق قىلمىشلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان ئەركىن تاراتقۇلارنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئالتۇن: «ئانادولۇ ئاگېنتلىقىدىن كېيىن ت ر ت ئەرەبچە قانىلىنىڭ غەززەدىكى ئىشخانىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان ئىسرائىلىيە، ھېچقانداق قىممەت قاراشقا ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. ئىسرائىلىيە يولغا قويۇۋاتقان دۆلەت تېررورىغا لەنەت ئېيتىمىز. سادىر قىلغان بارلىق جىنايەتلىرىنىڭ ھېسابىنى سوراش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر