ئەردوغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.

1638984
ئەردوغان قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت سادىر جاپاروۋ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، بىر – بىرلىرىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، مەسجىدى ئەقسا، غەززە ۋە پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەگە تېگىشلىك ساۋاق بېرىشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقتا قىرغىزىستاننىمۇ ئۆز يېنىدا كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر