ئۆمەر چەلىك: «نەپرەتنى ئېتىقادقا ئايلاندۇرىۋالغانلار، ئىبادەتخانا كۆيۈۋاتقاندا تەبرىكلەيدۇ»

ئۆمەر چەلىك ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئىنستاگرامنىڭ ئىسرائىلىيە چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «نەپرەتنى ئېتىقادقا ئايلاندۇرىۋالغانلار، ئىبادەتخانا كۆيۈۋاتقاندا تەبرىكلەيدۇ. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بۇ نەپرەتكە قارشى كۈرەش قىلغانلارنى چەكلەيدۇ» دېدى.

1638316
ئۆمەر چەلىك: «نەپرەتنى ئېتىقادقا ئايلاندۇرىۋالغانلار، ئىبادەتخانا كۆيۈۋاتقاندا تەبرىكلەيدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىنستاگرامنىڭ نەپرەت سۆزى دېگەن باھانە بىلەن بايكار شىركىتى تېخنىكا دېرىكتورى سەلچۇق بايراقتارنىڭ مەسجىدى ئەقسادىكى ئوت ئاپىتى جەريانىدا تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن يەھۇدىيلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇچۇرلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

ئۆمەر چەلىك «نەپرەتنى ئېتىقادقا ئايلاندۇرىۋالغانلار، ئىبادەتخانا كۆيۈۋاتقاندا تەبرىكلەيدۇ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بۇ نەپرەتكە قارشى كۈرەش قىلغانلارنى چەكلەيدۇ. ئەسلى نەپرەت مانا بۇ چەكلىمىدۇر. نەپرەتكە قارشى كۈرەشلىرىمىز داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئۆمەر چەلىك ھەمبەھىرلىگەن ئۇچرىدا يەنە «بۈگۈن ئادىمىيلىق غەززەدۇر. بۈگۈن ئادىمىيلىق شەرقىي قۇددۇستۇر ، بۈگۈن ئادىمىيلىق مەسجىدى ئاقسادۇر» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتتى.

بايكار شىركىتى تېخنىكا دېرىكتورى بايراقتار ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىنستاگرامنىڭ يازمىسىنى نەپرەت سۆزى دېگەن باھانە بىلەن چەكلىگەنلىكىگە قارىتا، «بالىلارنى ۋە پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش، ئىبادەتخانىلارنى كۆيدۈرۈش ۋە بۇنى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوتنىغان ھالدا كۆرۈش نەپرەتتۇر، ۋەھشىيلىكتۇر، قىرغىنچىلىقتۇر. سىلەرنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق دېگەن ئىككى يۈزلىمىچىلىكىڭلار ھالاك بولغاي!» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر