ئەردوغان روزا ھېيتلىق تەبرىك سۆزىدە،  يۇقۇمنى سۇيىئىستېمال قىلغۇچىلار ئۈستىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان سىنلىق ئۇچۇرىدا، ئىسلام دۇنياسى ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.

1638329
ئەردوغان روزا ھېيتلىق تەبرىك سۆزىدە،  يۇقۇمنى سۇيىئىستېمال قىلغۇچىلار ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئىنشائاللاھ كوۋىد-19  يۇقۇمىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان ھالدا ھېيتتىن كېيىن، (17 -مايدىن كېيىن) كونتىروللۇق شەكىلدە نورماللاشتۇرۇش قەدەملىرىنى تاشلايمىز. بولۇپمۇ ۋاكسىنا قاتارلىق يۇقۇمغا قارشى بارلىق زۆرۈر بولغان ئۇسۇللارنى قوللىنىمىز. بىز بۇنىڭ قىيىن، ئەمما ئارقىسى پارلاق بىر سىناق ئىكەنلىكىنى تونۇغان ھالدا ھەرىكەت قىلىمىز» دېدى.

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«رايونىمىزدىكى يۈز بەرگەن بارلىق ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا، تۈركىيەنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىش، ئۇلۇغۋار نىشانلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش قاتارلىق نىيەتنىڭ بارلىقى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. دۆلىتىمىزگە نەپرەتلىرىنى قۇسۇۋاتقانلارنى ۋە خالىسانە رول ئېلىۋاتقانلارنى مىللىتىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ھاۋالە قىلىمىز. يۇقۇمنىمۇ بۇ مەقسەتلىرى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلغانلارغا مەيداننى تاشلاپ بەرمەيمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر