جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مالايشىيا پادىشاھى ۋە قاتار ئەمىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مالايشىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللاھ رىئايەتۇددىن ئەلمۇستاپا بىللاھ شاھ ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن تېلېفونلاشتى.

1637974
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مالايشىيا پادىشاھى ۋە قاتار ئەمىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ مالايشىيا پادىشاھى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرلىكە، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلىشى، پەلەستىنلىكلەرگە زۇلۇم سېلىشىغا قارىتا بىر گەۋدە بولۇشنىڭ زۆرۈىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ، تۈركىيە بىلەن مالايشىيانىڭ بۇ ھەقتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئورگانلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئەردوغاننىڭ قاتار ئەمىرى ئال سانى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسا ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇس، مەسجىدى ئەقسا ۋە پەلەستىنلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارىتا رايون دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن قاتارنىڭ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈنمۇ ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ ۋە كۇۋەيت ئەمىرى نەۋۋاف ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ بىلەن ئايرىم – ئايرىم تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسا ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر