چاۋۇشئوغلۇنىڭ دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرى داۋام قىلماقتا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىر قاتار دۆلەت ۋە ئورگانلارنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن پەلەستىن ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆزلىشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

1637857
چاۋۇشئوغلۇنىڭ دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلىرى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى رايون ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن سەفەدى ۋە مسىىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى قاتارلىقلار بىلەن تېلېفونلىشىپ، پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمچى پوزىتسىيەسىگە قارىتا تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈنۈگۈنمۇ مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناسىر بۇرىتا، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەبرى بۇقادۇم، پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشى، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى يۇسۇف ئەلئۇسەيمىن، پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى، تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوسمان  ئەلجەرەندى قاتارلىقلار بىلەن تېلېفونلاشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر