ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پەلەستىن دەۋاسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس ۋە ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1637547
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پەلەستىن دەۋاسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇت ئابباس ۋە ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆرۈشۈشتە ئىسىرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى ھۇجۇملىرىنىڭ «تېررورلۇق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىنى زىدىلىگەن پەسكەشلەرچە ھۇجۇملىرىنى ۋە پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنغان زۇلۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغالىنى توختىتىش ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسىنى ئاساس قىلغان ھالدا پۈتكۈل دۇنيانى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈپ، قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم پەلەستىن دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇشنى، پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىنى قوللاشنى ۋە قۇددۇسنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر